مېنى مەن بولغىلى قويۇڭلار

مېنى مەن بولغىلى قويۇڭلار

رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ
مەن سىلەر ئەمەس، ياكى ئۇلار ئەمەس، شۇڭا مېنى مەندەك بولغىلى قويۇڭلار. مەن گاھ كۈلەي، گاھ يىغلاي، ئەركىم مېنىڭ قىلغىلى قويۇڭلار. مەن يىقىلاي ياكى تۇراي، يولۇم مېنىڭ ماڭغىلى قويۇڭلار.
مەن يامان بولاي، ئوبدان بولاي، پەقەتلا مەن بولغىلى قويۇڭلار. مەن ئاقىلدۇرمەن، جاھىلدۇرمەن، مەيلى شۇنداق ئۆتكىلى قويۇڭلار. مەن كەلـمىكىم شۇ، كەتمىكىم شۇ، ئۆز مەنزىلىمگە يەتكىلى قويۇڭلار .
مەن كۆز سىلەرنىڭ، سۆز سىلەرنىڭ باھايىڭلاردىن يۈتكىلى قويۇڭلار. مەن سىلەر بۇلۇپ، ئۇلار بۇلۇپ، تۇغۇلـمىغان. مېنى مۇشۇنداق گاھى ئوڭ، گاھى توڭ، گاھى كىچىك، گاھى پىششىق، مەيلى ئوسال، مەيلى خوشال، پەقەت « مەن » بۇلۇپ ياشىغىلى قويۇڭلار.
ئۇنى قىلىشىڭ كېرەك بۇنى قىلىشىڭ كېرەك دەپ تەسەۋۋۇرىمىزنى ئۆزلىرى ياسىغان قېلىپقا سولىماقچى بولىۋاتقانلار نېمىنى ئۆگەتتى؟
ئوت بىلەن سۇ، قايغۇ بىلەن خۇشاللىق بىر بىرىگە رەقىب دېيىشتى، بىرى بولغان يەردە بىرى بولالمايدۇ دەپ ئۆگىتىشتى، ئەمما ھەر ئىككىلىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھاياتنىڭ مۇكەممەل بولغانلىقىنى ئۆگەتمىدى. ئاق بولىسەن دېدى ئاق بولمىساق سەن قارا دېيىشتى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس رەڭگى بار ئىدى ئەسلى…
سىلەر بىلەن بىر دۇنيادا ياشاپ باشقا نۇقتىدا پىكىر قىلشىمغا يول قويۇڭلار. دۇنيانىڭ ئىككىلا قۇتۇبى بارلىقى راسىت، ئەمما ئىنسان تەسەۋۋۇرىنىڭ چەكسزلىكنى ئۇنۇتماڭلار
ھىچ ئىشقا زورلىماڭلار ، مېنى مەن بولغىلى قويۇڭلار…

جەمى 3 باھا

  1. Typecho

    ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

    Typecho May 15th, 2020 at 02:18 amقايتۇرۇش
  2. ئالۋۇن

    قايتا ئىچىۋالدىمغۇ ...

    ئالۋۇن May 15th, 2020 at 02:58 amقايتۇرۇش
  3. يامغۇر

    خەت نۇسقىسى بىرخىل ئوماقكىنا

    يامغۇر May 24th, 2020 at 07:56 pmقايتۇرۇش
يىڭى باھا يوللاش