نىمە كارىڭىز

1607416821760.png

ئالۋۇن كەچمىشلىرى تورخاتىرسى

ياشاشنى بەك تەسلەشتۈرۋەتتىڭلار

تۇرسۇنبەگ

شۇنچە يىل «ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتساڭ يۈرىكىڭگە پايدىسى بار» دىدىڭلار، ماقۇل دىدۇق، ئەمدى قايسى بۇلۇڭدىن چىققان مودىر ۋىراچكىن بىرسى قوپۇپ: « سول تەرەپنى بېسىپ يات» دەيدۇ، يا ئىككىلىسىنى تەڭ بېسىپ ياتقىلى تېخى بولمىدى

«ئەتىگەندە ناشتىغا سوغۇق سۇ ئىچسەڭ پايدىلىق» دەپ يىگىرمە يىل سۇ ئىچسەم، ئەمدى قوپۇپ «ئەتىگەندە سوغۇق سۇ ئىچىش زىيانلىق » دىدىڭلار. بىرنىمە - بىرنىمە قىلىنغان، گىرتىسلانغان، ھىرتىسلانغان، مىرتىسلانغان، ئانام كۆرمىگەن، دادام ئاڭلىمىغان سۇلارنى «ئىچمىسەڭ ئۆلىسەن» دىگۈدەك يەرگە ئاپىرىۋەتتىڭلار، كىچىك چاغلىرىمىزدا ھىېرتىسلىمىگەن، پىرتىسلىمىگەن ئېرىق-ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچكەنلەرمۇ خېلى سالامەت ياشاۋاتاتتى. يا بىر سۇ ئىچمەيلا ياشىغىلى تېخى بولمىدى.

ئويلاپ قالدىم :

ئوتتۇز-قىرىق يىل بوي-بەستى توشقان ئادەملەرنى «يىگەن-ئىچكەندەك، سۇقا سەندەلدەك ، باينىڭ بالىسىدەك... » دەپ تەرىپلەپ يۈرگەنلەرنىڭ ئاغزىغا مىڭنى ئۇرىۋەتسەم خەپ ...

ئەمدى قوپۇپ چەمبىرەكتە لىققىدە ئورۇقلاشنىڭ داۋرىڭى، لىققىدە «ئورۇقلاتقۇچى مەلىم-خانىم» توشۇپ كەتتى. سىلەرنىڭ ئەمدى شۇ «ئورۇقلاپ چۆمۈچنىڭ سېپىدەك بولالمىساڭ سەن ئادەم ئەمەس» دىمىگەنلا يىرىڭلار قالدى.

شۇنچە يىل «ئادەمنىڭ ھاياتتا ياخشى نامى قالسا، ياخشى ئىزى قالسا شۇ مۇھىم!» دىسە «ھە» دەپتۇق، ئەمدى قوپۇپ «ئۆلگەن چاغدا ماختىغىنىڭنىڭ نىمە پايدىسى ؟ ھايات ۋاقتىدا نىمىشقا شۇنداق دىمىگەنتىڭلار؟» دەپ قوپتۇڭلار، يا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تونۇش- بىلىشلەرنىڭ ھەممىسىگە «قاچان ئۆلۈپ كىتىدىغان بولدۇڭ؟ سەن ئۆلۈپ كەتكىچە ماختىۋىتەي دىگەنتىم» دەپ سورىغىلى تېخى بولمىدى.

شۇنچە يىل «ھەر ئادەم ھاياتتا بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرۇپ، ئۆزارا مىھىر-مۇھەببەت، ياردەمدە بولۇپ، ئېغىرچىلىقنى تەڭ كۆتۈرۈپ ياشاش كىرەك» دىگەنگە ئىشىنىپ كەلسەك، ئەمدى قوپۇپ «ئاياللار ئەرلەرگە تايانماسلىق، مۇستەقىل ئىقتىساد يارىتالايدىغان بولۇشى ، مۇھەببەتنى دەپ ياشلىقىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك كىرەك» دىگەندەك ئىنسانىيەت تارىخىدا بىرەر تۇل قالغان چىشى مايمۇنمۇ يادىدا يوق دەپ سالمىغان نەزىرىيەنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خوتۇن-خەقنىڭ بېشىنى چۆرگىلەتكىنى تۇردۇڭلار. يا شۇنداق دىگەنلەرگە ئەركىشىنى يولۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن ئايرىپ تام توسۇپ بەرگىلى بولمىدى.

ئىشقىلىپ باغۇ، مۇشۇ بىر تۈركۈم تايىنى يوق ئادەملەر ياشاشنى بەك تەسلەشتۈرىۋەتتىڭلار.

بىر ئېغىز گەپ : نىمە كارىڭلار

ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشۇۋىلىڭ

جەمى 3 باھا

  1. تىۋىش

    راستلام، نېمە كارى دەيمەن خەخلەرنىڭ......... خاتىرجەم ياشىغىلى قويسا
    ھە، راست. لوگو پەيزى چىقىپتۇ بلوگنىڭ.
    ئاندىن بلوگىمنىڭ ئادرىسىنى http://tiwish.net كە ئۆزگەرتىۋالدىم.

    تىۋىش December 23rd, 2020 at 10:44 pmقايتۇرۇش
    1. xjgm

      بىلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن ☺️

      xjgm January 11th, 2021 at 10:55 pmقايتۇرۇش
      1. xjgm

        http://www.xjgm.group

        xjgm January 11th, 2021 at 10:57 pmقايتۇرۇش
يىڭى باھا يوللاش