كىچە

  كىچە      
        مەمەتئەلى ئۇبۇلقاسىم            
    ئەلەم بىلەن ئېيتسام دەردىمنى         
     سىرلىرىمنى تىڭشىغان كىچە         
      ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىپ كىتىپ        
      كۈندۈز گىمۇ تىنمىغان كىچە          
     ھەسرەت چىكىپ خىياللار سۈرسەم         
       ماڭا مۇڭداش بولغان شۇ كىچە           
        شىۋىرلىشىپ مەيىن شامالدا            
        سىرلىرىمغا سىرقاتقان كىچە           
    مۇڭداش بىلىپ دەرت تۆكسەم      
      ئۈنسىز دەردىم ئاڭلىغان كىچە        
      بىراۋلارغا سۆزلىمەي دەردىم       
        سىرلىرىمنى ساقلىغان كىچە          
       ئاشىق بۇلۇپ سىنىلا سۈيەي         
      ھەي قەدىردان مۇڭدىشىم كىچە       
     سەنمۇ ماڭا دائىم مۇڭداش بوپ       
      سىرىم ساقلاپ كۈڭۈل بەركىچە        
    ئاچچىق ھەسرەت قىينىسا دىلنى     
     ئويغىناركەن ئىلھام شىۋىرلاپ       
      تۇتقۇزاركەن قولغا قەلەمنى        
      قۇلاقلارغا بىرخىل پىچىرلاپ         

1594526943217.jpg

يىڭى باھا يوللاش