ھەقىقى ئۈزىمىز

ھەقىقى ئۈزىمىز

img-3b9f5e12e797fef3fab1b1b5854caa56.jpg

قۇشلار ئۈچۈن ئاسمان مۆجىزە، بىلىق ئۈچۈن سۇ بىر مۆجىزە، ئادەم ئۈچۈن ئۆزى بىر مۆجىزە. بىزنىڭ « ھەقىقىي ئۆزىمىز» نى تونۇيالىشىمىز تولىمۇ تەس.

بىز پەقەت ئەتىراپىمىزدىكى دۇنيانى ئەينەك قىلىپ تۇرۇپ ، بۇ ئەينەكتىن ھەقىقى قىياپىتىمىزنى كۆرەلەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ خۇسۇسىيەت، مىجەز-خارەكتىرىمىزنى تولۇق ئېتىراپ قىلالىغان ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن چىن مەنىدىكى ئەركىن ئادەمگە ئايلىنالايمىز. ئەكسىچە خارەكتىر ياكى مىجەز ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى يوشۇرۇپ ياشىغاندا تۇرمۇشىمىز بەكمۇ ئازابلىق چەكلىمىلەر سىرتمىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ھورۇنلىقىمىزنى يوشۇرۇپ ياشىماق بولساق، ھېچقاچان ئۆزىمىزنى قويىۋىتىپ بەھوزۇر ئارام ئالالماسلىقىمىز ئېنىق. ئەگەر ناھەقچىلىقكە بولغان غەزەپ –نەپرىتىمىزنى يوشۇرۇپلا يۈرسەك « بىخەتەر خورلۇق» قا كۆنۈپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ.

قارايدىغان بولساق ئەتىراپىمىزدا بەكمۇ ئىقتىدارلىق ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئادەملەر بار بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق ئەتىراپىدىكىلەرگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدۇ. ناۋادا سىزدىمۇ شۇنداق ئادەم بولۇش ئارزۇسى بار بولسا، دېمەك سىزدىمۇ شۇنداق ئاكتىپ خۇسۇسىيەت بار ، پەقەت سىز ئۇنى تولۇق ئىپادىلەپ چىقالمايۋىتىپسىز خالاس.

بىز بەزىدە باشقا بىرىگە ھەۋەس قىلىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ سايىمىزگە ھەۋەس قىلىۋاتقان بولىمىز. بۇۋاقىتتا چوقۇم ئىچكى دۇنيارىمىزنى ئاختۇرۇپ بېقىشىمىز ، يۈرىكىمىزنى تىڭشاپ بېقىشىمىز، ئاشۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىزدىمۇ بارلىقىغا چىن پۈتۈشىمىز كېرەك.

بۇ قەدەمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالىساق بىز يوشۇرۇن تالانتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئۆزلىكىمىزنى تاپالايمىز.

دەيبى فورتنىڭ « مۇكەممەل بولمىغان ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ» ناملىق كىتابىدىن تەسىرات

يىڭى باھا يوللاش