ئورنۇڭدىن تۇردۇڭمۇ ئۇمۇقۇم

ئورنۇڭدىن تۇردۇڭمۇ...

7.jpg
UYGHURNISAROZISAYIT

ئورنۇڭدىن تۇردۇڭمۇ ؟
ئەي ئۇمۇغۇم
ئورنۇڭدىن تۇردۇڭمۇ ؟ سېنى سېغىندىم .
كۈزنىڭ ئاخىرقى يۇپۇرماقلىرىمۇ تۇپراققا لەۋ يېقىپ بولدى . يالىڭاچلانغان دەرەخلەر خۇددى ئاشىقلارنى مۇرادىغا يەتكۈزگەن مىھرىباندەك مەغرۇر كېرىلىپ تۇرماقتا . سەنمۇ بىر كەل . ساخاۋەتچىگە ئوخشاش كەلسەڭمۇ مەيلى . قەرز ئېگىسىدەك كەلسەڭمۇ مەيلى ، شەيدا كۆڭلۈمنى ئىللىتقىلى بىر كېلىپ كەت . سەن باھارىم بولغىنكى ، يۈزلۈرۈم سېنى كۆرمەك بىلەن گۈلىستانغا ئايلانسۇن ، سەن قۇياشىم بولغىنكى ، كۆزلىرىم سېنى كۆرمەك بېلەن نۇرغا تولسۇن ...

يىڭى باھا يوللاش