كىچە ھەسرىتى

كىچە ھەسرىتى ئابلەت ھېبىبۇللا كۆكيال ئايغا قاراپ جامالىڭنى ئىزدەيمەن، بوغۇق ئۈندە دەمدەر كەبى ئۈنلەيمەن، بەزىدە نىمىلەرنىدۇر يۈتتۈرۈپ قويغان كىچىك بالىدەك، ھۇدۇقۇپ يان يېنىمغا تەشۋىش ئىچىدە قارايمەن. قارايمەنۇ جامالىڭنى ھېچ يەردىن تاپالمايمەن... ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كىتىدۇ، ئۈمۈدلىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كىتىدۇ، قاياقلارغا ئۇچۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. كىملەرنى، سېغىنىش ئىچىدە ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. يەنە بەزىدە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاشلىرىمدىن، كىملەرنىدۇر سېغىنىۋاتقانلىقىمنى سىزىپ قالىمەن. ئاشىقلىق، سەۋدالىق، جۇدالىق، قىيناۋاتقان... كېچە ھەسرىتى قەلبىمنى خۇددى گۆشتەك چاناۋاتقان، مۇشتەك ئاجىز يۈرىكىمنى ھىجرانلار ئاچ قالغان چىل بۆرىدەك غاجاۋاتقان… ئاجىز يۈرەك ئازاپلاردا ئوتقا چۈشكەن قىلغا ئوخشاش تولغىنىۋاتقان، كۆزلۈرۈمدىن ھەسرەتلىك ياشلار ئەزىم دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقان... ئاھ! نىمە دىگەن ئۇزۇن كېچە بۇ! ياق...
阅读全文