غىرىپلىق

غېرىبلىق تاشپولات روزى ئەزىز ئوخشاشلا بىرخىل قاراچۈشتىن قاراتەرگە چۆمۈپ ئويغىنىمىز ، ئايرىم –ئايرىم كۈلبىلەردە. ئوخشاشلا بىرخىل دىمىق ھاۋادىن ئۆلگۈدەك سىقىلىمىز، ئايرىم-ئايرىم نەپەسلەردە. كۈلۈشىمىزمۇ، يېغلىشىمىزمۇ، غەزەب –نەپرىتىمىزمۇ ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى ئەسلىدە، ئەمما بۇندا كۈلكىلەر جۆرسىز جىمجىت يېغىلار ھەمراھسىز جىمجىت، غەزەب ۋە نەپرەتمۇ ئۈلپەتسىز جىمجىت چۈنكى روھىمىز ناتىۋان ھەم سەرسان غېرىبسىپ يىگانە-يىگانە تەنلەردە. 2019-يىلى كۆنەك - بۈگۈنكى بىر جۈملە - بۈيۈك ئارزۇلىرىم يوق، ئەمما ھاياتتىن ئالارىم كۆپ. ــــــــ تاشپولات روزى ئەزىز
阅读全文