نەگە بارسەن دەپ سورما مەندىن···

نەگە بارسەن دەپ سورما مەندىن···· سائادەت ساباھ نەگە بارسەن دەپ سورما مەندىن، بەلكىم، سۈپسۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان ئۆستەڭ بۇيغا بارارمەن، بەلكىم، باغلارغا، تاغلارغا بارارمەن، ۋە ياكى ئادەمسىز دەشتى چۆللەرگە بارارمەن .... نەگە بارسەن دەپ سورما مەندىن ، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى پاك غۇبارسىز ، پەقەت بىلىمى، ساداقىتى چوڭقۇر بولسىلا ھەممە ئىشلار ئۆز نۆۋىتىدە ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ دەيدىغان، قىينچىلىقتا قالغاندا ئىنسانلارغا يىلىنىپ يىغلاشنى ئەيىپ دەپ بىلىدىغان گۆدەك بىر قىزنى ئىزدەپ تېپىۋالاي ... نەگە بارسەن دەپ سورما مەندىن، ئۆزۈمنى ئىزدەپ تېپىۋالاي، يۈرەكلىرىمنىڭ چۇقانلىرنى ئاڭلىۋالاي، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى دەرتلىرىمنى تۆكۈۋالاي، ئۇنىڭ مىنىڭ يېنىمغا قاچانلاردا قايتىپ كېلىدىغىننى سورۋالاي ، كەلگەندىن كېيىن كەتمەسلىككە ۋەدە ئېلىۋالاي ...
阅读全文