بەزىلەرنى ياخشى كۈرىمىز

  • A+
تەۋە سەھىپە:ياقتۇرغانلىرىم

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز

جىبران خېلىل جىبران

تەرجىمىدە كەۋسەر

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز
بىراق يېقىنلىشالمايمىز
ئۇلار يىراقلىقى بىلەن شېرىن
يىراقلىقى بىلەن يۈكسەك
يىراقلىقى بىلەن قىممەتلىك

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. . .
يېقىنلىشىش ئۈچۈن كۈچەيمىز
پۈتۈن ھاياتنى ئۇنىڭ بىلەن بۆلۈشىمىز
ئۇلاردىن يىراقلىشىش بىزنى ئازاپلايدۇ
ئۇلارسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ شۇنچىلىك ئاچچىق

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. . .
ئۇلار بىلەن گۈزەل ھېكايىمىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز
ئۇچرىشىش ئۈچۈن تاسادىپىيلىقنى ئويدۇرىمىز
كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن باھانە تاپىمىز
ئۇلار بىلەن رېئاللىقتىكىدىن كۆپرەك خىيال دۇنياسىدا ياشايمىز

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. . .
بىراق قەلبىمىزدىلا
گەرچە ئاچچىق بولسىمۇ سۈكۈت قىلىمىز
سۆيگۈمىزنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ ئىزھار قىلمايمىز
چۈنكى توسالغۇلار كۆپ
نەتىجە ۋەھىمىلىك
ئەڭ ياخشى چارە
ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىنى
ئارىمىزدا يېپىق قالدۇرۇش.

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. . .
زېمىننى ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى بىلەن توشقۇزىمىز
دۇنياغا ئۇلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز
ھەر ۋاقىت ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىمىز
ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا
سۇ، ھاۋاغا مۇھتاج بولغاندەك مۇھتاج بولىمىز
ئۇلارنىڭ يوقلۇقى
ھەتتا يىراقلىشىشىمۇ
بىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. . .
چۈنكى ئۇلاردىن باشقىسىنى تاپالمايمىز
سۆيگۈگە بولغان تەشنالىقىمىز بىزنى ئۇلار تەرەپكە سىلجىتىدۇ
كۈنلەر ئۆتىدۇ
ئۆمۈر ئۆتىدۇ
زامان ئىزىدا تۇرمايدۇ
ھەمراھسىز ياشاش بىزنى چۆچۈتىدۇ.

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. . .
چۈنكى ئۇلار سۆيگۈدىن باشقىغا لايىق ئەمەس
ئۇلارنىڭ ئالدىدا سۆيمەي چارىمىز يوق
ئۇلاردىن گۈزەل نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز
ئۇلار بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى رىمۇنىت قىلىمىز
ھاياتنىڭ رەڭگارەڭلىكىنى قايتۇرۇپ كېلىمىز
سائادەت بېغىشلاش ئۈچۈن سەمىيمىيەتنى لىباس قىلىمىز

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. . . . .
بىراق قەلبلىرىدە بۇ سۆيگۈنىڭ ساداسىنى تاپالمايمىز
سۇنىمىز، چېقىلىمىز، ۋەيران بولىمىز
مەغلۇپ ھېكايىلەر ئىچىدە ئوڭغۇل_ دوڭغۇل دەسسەپ يۈرىمىز
چۈنكى ئۇلارنى ئۆچ كۆرەلمەيمىز، ئۇنۇتالمايمىز
ئۇلاردىن باشقىسنى سۆيەلمەيمىز
ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كىيىن ئۇلار ئۈچۈن ياش تۆكىمىز

بەزىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. . .
ئۇلارمۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ
بىز ئۇلارنى ياخشى كۆرگەندەك.

 

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: