ئەسلىمە

  • A+
تەۋە سەھىپە:ياقتۇرغانلىرىم

ئەسلىمىنىڭ ساقلاش مۇددىتى

(فاتىمە سەيياھ)

،بىر تامچە يامغۇر

،يەر باغرىغا سىڭىپ كەتسە

،نەچچە قەۋەت تۇپراق

،ساقلاپ قالار ئۇنى ئېسىدە

قانچىلىك ئۇزاق؟

،بىر دانە ئاققۇ

،كۆل يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتسە

،نەچچە تال بېلىق

،ئالار ئەسكە

قانچىلىك ۋاقىت؟

،بىر ئاقار يۇلتۇز

،كۆيدۈرگەنچە ساما قوينىنى

،چۈشۈپ كەتسە

،نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتسە

،ئىزلەر كىملەر

.يېنىپلا ئۆچۈپ ئۆتسە

،ئاقار يۇلتۇز

قالارمۇ ئەستە؟

،بىر سۆز

،بىر جۈپ كۆز

،بىر تال ئەسلىمە

قالار نېچۈن ئەستە؟

نېچۈن ۋاقىت پويىزى

يانار ھەردەم كەينىگە؟

،ئۆتۈپ كېتىدىكەن بارچە شەيئىلەر

،ۋاقتى ئۆتكەن تاۋاردەك

،تائامدەك

.دورىدەك

،ئەسلىمە

ساقلىنىش مۇددىتىڭ زادى قانچىلىك؟

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
  • نەشر ھوقۇقى باياناتى:مەزكۇر ئىجادىي يازما, 2019-يىل 17-دېكابىر13:24:21 تەرىپىدىن يىزىلغان,جەمئىي 509 سۆز。
  • كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ :ئەسلىمە | ئالۋۇن كەچمىشلىرى

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتىكى ئىنكاس:2   زىيارەتچى:  1   ئاپتور  1

    • تىۋىش تىۋىش 0

      بۇ شائىرەنىڭ شىئىرلىرى بىر خىل پەيزى. تىلى لىرىكىلىق ۋە جانلىق ھەم بۇ شائىرەمۇ تىلغا باي.

      كەپەمنىڭ چاپىنى ئالمىشىپلا تۇرىدۇ-غۇ، ھەر ئايدا.

        • alwun alwun Admin

          شۇنداق مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن شائىرەنىڭ شىئىرلىرىنى…

          مۇۋاپىق ئۇسلۇب تاپالمايۋاتىمەن، يا تەۋسىيە قىلمىدىڭىز پوچى ئۇسلۇبتىن بىرەنى 😊

          ھە راس ئىسىممۇ ئالماشتى ئىسىمنى قايتا ئىلىۋالدىم بولسا ئالماشتۇرۇپ قۇيارسىز ئۇلانمىدىن alwun. cn