كىچە ھەسرىتى

  • A+
تەۋە سەھىپە:ياقتۇرغانلىرىم

كىچە ھەسرىتى
ئابلەت ھېبىبۇللا كۆكيال

ئايغا قاراپ جامالىڭنى ئىزدەيمەن،
بوغۇق ئۈندە دەمدەر كەبى ئۈنلەيمەن،
بەزىدە نىمىلەرنىدۇر يۈتتۈرۈپ قويغان كىچىك بالىدەك،
ھۇدۇقۇپ يان يېنىمغا تەشۋىش ئىچىدە قارايمەن.
قارايمەنۇ جامالىڭنى ھېچ يەردىن تاپالمايمەن...
ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كىتىدۇ،
ئۈمۈدلىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كىتىدۇ،
قاياقلارغا ئۇچۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن.
كىملەرنى،
سېغىنىش ئىچىدە ئىزدەۋاتقانلىقىنى،
ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
يەنە بەزىدە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاشلىرىمدىن،
كىملەرنىدۇر سېغىنىۋاتقانلىقىمنى سىزىپ قالىمەن.
ئاشىقلىق،
سەۋدالىق،
جۇدالىق،
قىيناۋاتقان...
كېچە ھەسرىتى قەلبىمنى خۇددى گۆشتەك چاناۋاتقان،
مۇشتەك ئاجىز يۈرىكىمنى ھىجرانلار ئاچ قالغان چىل بۆرىدەك غاجاۋاتقان…
ئاجىز يۈرەك ئازاپلاردا ئوتقا چۈشكەن قىلغا ئوخشاش تولغىنىۋاتقان،
كۆزلۈرۈمدىن ھەسرەتلىك ياشلار ئەزىم دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقان...
ئاھ! نىمە دىگەن ئۇزۇن كېچە بۇ!
ياق بۇ كېچە ئۇزۇن ئەمەس!
نىمە ئۈچۈن دەمسەن؟
سېغىنىش،
كۈتۈش،
تەلپۈنۈش...
شۇنچە ئۇزۇن بىلىندۈرگەن كېچىنى،
كېچە ھەسرىتى…
2019 - يىل 28 - ئاۋغۇست سەھەر ( خوتەن بۇزاق)

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
  • نەشر ھوقۇقى باياناتى:مەزكۇر ئىجادىي يازما, 2019-يىل 17-دېكابىر13:20:16 تەرىپىدىن يىزىلغان,جەمئىي 864 سۆز。
  • كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ :كىچە ھەسرىتى | ئالۋۇن كەچمىشلىرى

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتىكى ئىنكاس:1   زىيارەتچى:  0   ئاپتور  1

    • alwun alwun Admin

      كىچە ئۇزۇن بولسا چۈشمۇ ئۇزۇن بۇلۇر…